يېڭى دەۋردىكى قىزىل گالىستۇكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

2025.05.29 15:40 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرى، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

كەڭ پىيونېرلار مۇنداق بىلدۈردى: شى بوۋىمىزنىڭ تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى قىزىل گالىستۇكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىمىز.

كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

ئۆسمۈرلەر-بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۆسمۈرلەر-بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈرلەر-بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ.»

بۇلتۇر «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچۇڭ شەھىرى جيالىڭ رايونى جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تاڭ خەيلىڭ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. تاڭ خەيلىڭ «جاۋاب خەتتىكى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئۆسمۈر ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، داھىينىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. بۇ قېتىم 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاڭ خەيلىڭ ئالاھىدە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن. مەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق يېتىلىمەن.»

جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ ئەنتۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈرەش سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتىمەن.»

بېيجىڭ شەھەرلىك يۈيىڭ مەكتىپى پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ جيانى باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتىدە كۆرسىتىلگەن «پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈرلەر-بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ» دېگەن سۆزدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «چوڭ ئەترەت يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ قىزىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنى سىياسىي جەھەتتىن ئويغىتىش ۋە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىمەن، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنى يېتىشتۈرىمەن.»

ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى سەپەردە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىققەتنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، كەڭ پىيونېرلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، دۆلەتنى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇش جەھەتتە تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.»

«بىز دىققەتنى كوممۇنىزم ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپ، <قىزىل گالىستۇك شۆيۈەنى> ئادەم تەربىيەلەش ماركىسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پىيونېرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز» دېدى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوۋ سۇخۇڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھىرى گۇلاڭ ناھىيەسى گەنچېڭ يېزىسىدىكى فۇمىن تولۇق باشلانغۇچ مەكتىپى مەكتەپ پۇتبول كۇرژۇكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مول، رەڭدار مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. «بىز بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزگىچە پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرىمىز» دېدى فۇمىن تولۇق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جۇ شىيۈن.

«پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ.» شاڭخەي شەھەرلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جاۋ گوچياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرىنىڭ بالىلارچە چۈشەندۈرۈش، ھېسسىياتلىق ھېس قىلدۇرۇش، تەشكىللىك پائالىيەت، تۇرمۇشلاشقان مەنزىرە ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى تەشۋىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

«پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى.» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈرلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى خۇي مۇنداق دېدى: پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەشكىللىك تەربىيەلەش، ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتى بىلەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

«بىز بارلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش زەنجىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پايتەختنىڭ قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ سىياسىيۋىلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شياۋبو.

«باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىزگە ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.» شەنشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شۇشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كەڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلارنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەھەتتە تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى كېدا شۈنفېي بىلەن بىرلىشىپ «AI مائارىپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، 1000دىن ئارتۇق مەكتەپتىكى بالىلارنى «سۈنئىي ئەقىل + مائارىپ» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. «پەن-تېخنىكا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇرۇقىنى ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخ سۈرگۈزدى» دېدى كېدا شۈنفېي پاي چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇي.

«بىز مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، مۇزېينىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، <قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى> ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ھېس قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنى مۇزېيدا ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى سەنشىڭدۈي مۇزېيى ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمى جەمئىيەت تەربىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى زوۋ پېڭ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ