ئەنگىلىيەلىك 53 ياشلىق بىر ئەر 5-ئاينىڭ 26-كۈنى لىۋېرپول شەھەر مەركىزىدە لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان زور تۈركۈمدىكى توپ مەستانىلىرىنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇدۇل سوقۇپ، 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 27 ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئىككى ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، لېكىن ئاپتوموبىل سوقۇش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.