5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىلىنىڭ 2-ئوقۇش مەۋسۇمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن، يەسلىلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىغا ئاساسەن ئىجرا قىلىدىكەن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولىدىكەن.