توردا ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى دەپ تارقالغان، بۇ راستمۇ؟ ئورگان تەرەپ جاۋاب قايتۇردى ←

2025.05.28 14:01 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، بىر تورداش مەلۇم تور سۇپىسىدا يازما يېزىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ياشانغانلار ياردەم پۇلى ئاخىر ئۆستۈرۈلدى. ئىلگىرى 80 ياشتىن ئاشقانلارغا ھەر ئايدا 100 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلەتتى، ھازىر ئاپتونوم رايون مالىيەسى ھەر ئايدا 200 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تارقىتىدۇ.... مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە 300 يۈەنگە كۆتۈرۈلدى..... » بۇ يازما جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنىڭ ساختا مەزمۇن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى مۇنداق: 80 ياشتىن (80 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 50 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 90 ياشتىن (90 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 120 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 100 ياشتىن ئاشقان (100 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئۆز جايىنىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى مۇنداق: 80 ياشتىن (80 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 75 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 90 ياشتىن (90 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 145 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 100 ياشتىن ئاشقان (100 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 225 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ