مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسلىك قوشۇمچە ماتېرىياللىرىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋە مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ نەپ ئېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

2025.05.28 15:09 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي مائارىپتا <قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئۆستۈرۈش يىلى> ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ تۈزەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «مەكتەپ تامىقى»، دەرسلىك قوشۇمچە ماتېرىياللىرىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋە مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ نەپ ئېلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەرس ئۆتۈش، دەرس تولۇقلاش، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاش، تەتىلگە قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە كۈندىلىك مەشغۇلات ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۆگىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق قايتا-قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمىگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنى زىيادە ئېغىرلىتىۋەتكەن مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ «يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش»، «ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىلا قوبۇل قىلىش»، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مەكتەپ سىرتى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىش قاتارلىق مائارىپ ئادىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىتىش كېرەك؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىمتىھان تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ھەم رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىش، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى تەشۋىق قىلىش، كۆپتۈرۈش قاتارلىق مائارىپ باھالاش يۆنىلىشى ئىلمىي بولماسلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزىتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرس ئۆتۈش، دەرس تولۇقلاش ۋە ئۆگىنىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇشنى «قاراۋۇلخانا مەكتەپ» تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق تۈزەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان ئالاقىدار مەسىلىلەر بىرقەدەر كۆپ مەكتەپلەرنى ئالدى بىلەن كۆزىتىپ ئۆلچەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قەرەللىك ئەسكەرتىش ۋە مەكتەپكە كىرىپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئادەم تەربىيەلەشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەنبەسى بازىسى» ۋىۋىسكىسى ئېسىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ