مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئۇقتۇرۇشى

2025.05.27 14:58 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشۋىقات، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، «2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ