قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرايلى

− جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2025.05.27 14:55 مەنبە: خەلق تورى

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بۈگۈن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمىز!

ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلارنىڭ بولۇشىغا، قىزىل ھاكىمىيەت رەڭگىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ئىشلىرىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بولۇپمۇ 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پىيونېرلار ئەترىتى دىققەتنى كوممۇنىزم ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پىيونېرلارنىڭ ئۆزگىچە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، كەڭ پىيونېرلار پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئۇلۇغ دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن پىيونېرلار بەختلىك بىر ئەۋلاد، شۇنداقلا ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بىر ئەۋلاد ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چەكسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت بالىلار چوقۇم بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. بۈگۈنكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قوشۇنى. شەرەپلىك ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كەلگۈسىدە ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، گۈزەل مىنۇتلارنى قەدىرلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلاردىن بولغاندىلا، چوڭ بولغاندا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان غوللۇق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققىلى بولىدۇ.

پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيە قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلىدىغان جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنىڭ زاپاس ئەترىتى بولۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. يېڭى سەپەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئىشلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قوللايدىغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشلامچى بولىدىغان، ئىتتىپاق تەشكىلاتى بىلەن مائارىپ تارماقلىرى ھەمكارلىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەت تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولغاندىلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

ئۆسمۈرلەر ئىرادىلىك بولسا، دۆلەت ئۈمىدكە تولىدۇ؛ ئۆسمۈرلەر ئالغا باسسا، دۆلەت ئالغا باسىدۇ. ئۇلۇغ ئارزۇ سىلەرنى جاسارەت بىلەن تىرىشىشقا چاقىرماقتا، پارتىيە ۋە خەلق سىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى سەمىمىي كۈتمەكتە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرساق، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار چوقۇم ئۈمىدنى يەردە قويماي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، قىزىل گالىستۇكقا يېڭى دەۋر شان-شەرىپىنى قوشالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ