شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار «دۆلەت دەرىجىلىك» شەرەپكە ئېرىشتى

2025.05.26 14:44 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلىپ، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن ۋە 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ تەقدىرلەندى، ئاپتونوم رايوندىكى بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار «دۆلەت دەرىجىلىك» شەرەپكە ئېرىشتى.

پىچان ناھىيەسى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بولۇپ باھالاندى؛ مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى بازىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگوۋ يېزىسى ۋېيزى كەنتى قاتارلىق 56 كەنت-بازار مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت-بازار بولۇپ باھالاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (ئورگىنى)، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى قاتارلىق 99 ئورۇن مەملىكەتلىك مەدەنىي ئورۇن بولۇپ باھالاندى. دىڭ چاۋشيا ئائىلىسى، غەيرەت قادىر ئائىلىسى قاتارلىق 19 ئائىلە مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە بولۇپ باھالاندى؛ شىنجاڭ داشۆ، خوتەن ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 21 مەكتەپ مەملىكەتلىك مەدەنىي مەكتەپ بولۇپ باھالاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسى ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەر-يېزا مۇھىتى، جەمئىيەت تەرتىپى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ئۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مول ئەخلاق ئوزۇقى بېغىشلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ