دوكلات: ئاسىيادا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىرېلاندىيە تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى

2025.05.26 14:43 مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش تەرەققىيات دوكلاتى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ: «دوكلات» دېيىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. «دوكلات» دۇنياۋىلاشقان مائارىپ يۈزلىنىشى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يىرىك پىلان تاكتىكىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى.

«دوكلات»تا مۇنداق دېيىلگەن: كەسىپ تاللاشتىن قارىغاندا، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، كومپيۇتېر نۆۋەتتە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى خالايدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە خىزمەت ساھەسى ھېسابلىنىدىكەن. چەت ئەلدە ئوقۇش نىشان جايىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئىزچىل تۈردە چەت ئەلدە ئوقۇشتىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىدار-باھا نىسبىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى تۈپەيلىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزغىنلىقى داۋاملىق ئېشىپ، 2025-يىلى يەنە بىر قېتىم رەت-تەرتىپ تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن، ياپونىيە، سىنگاپور ۋە كورېيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆرلىگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىرېلاندىيە بارغانسېرى جۇڭگودىكى چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلار توپىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، 2025-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇشتا ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايون تەرتىپىدە 7-ئورۇنغا ئۆتكەن، بۇ، ئىرېلاندىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ