ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | زاۋۇتلار مۇسابىقە مەيدانىغا ئايلاندى، شېنياڭ تيېشى «زاۋۇت BA» سېخ قاينام-تاشقىنلىققا تولدى

خەلق تورىنىڭ «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» لياۋنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.05.26 13:11 مەنبە: خەلق تورى

توپ كىرگۈزگەن دۇڭبېي دورىگەرلىكى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەيدان سىرتىدىكى سەپداشلىرى بىلەن چاۋاك چېلىشىپ تەبرىكلىدى.

5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2025-يىللىق شېنياڭ شەھىرى تيېشى رايونىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «زاۋۇت BA» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە زاۋۇت رايونىغا كىرىپ، شېنياڭ ئىستانوك زاۋۇتىنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدا باشلاندى. ئاخىرىدا تۆت مەيدان كۈچ سىنىشىش ئارقىلىق، ئالدىنقى نۆۋەتتە 3-بولغان دۇڭبېي دورگەرلىكى كوماندىسى 43 كە قارشى 51 نەتىجە بىلەن شېنياڭ ئىستانوك كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيداندا غەلىبە قىلدى.

«زاۋۇت BA» سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك توپنىڭ قاڭقىشىغا ئەگىشىپ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تيېشى رايونى «زاۋۇت BA» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى داۋاملىق كارخانا سېخلىرى، ئالىي مەكتەپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كوچىسى قاتارلىق مەيدانلارغا كىرىدىكەن. ئىككى ئايلىق مۇسابىقە جەريانىدا، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 42 كوماندا 90 نەچچە مەيدان مۇسابىقىلىشىدىكەن. (چيۇ يۈجې، يىن بەيخەن)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ