شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داغدام يول قۇرۇشنى تېزلەتتى (باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، «14-بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش)

2025.05.23 15:14 مەنبە: خەلق تورى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، لى يانەن

جۇڭدا شىجيا (شىنجاڭ) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، 20 نەچچە رىياسەتچى قازاق تىلى، رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىلدا مەملىكەت سىرتىدىكى تورداشلارغا ئاشخانا سايمانلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

تىجارەت باشلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جۇڭدا شىجيا قارىمىقىدا مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى رىياسەتچىدىن 100دىن كۆپرەكى بار بولدى ھەم قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ۋە كۆرگەزمە زالى قۇرۇپ، 24 سائەت توختىماي ساتتى، كۈندىلىك چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش سوممىسى مۇقىم ھالدا 500 مىڭ يۈەندىن 600 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.

2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داغدام يول قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك».

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داغدام يول قۇرۇشنى تېزلىتىپ، نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتتى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ھەمكارلىق يولى مۇستەھكەملەندى.

ئالاتاۋ پورتىدا، تۆت گۇرۇپپا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش لىنىيەسى 24 سائەت يۈرۈشتۈرۈلۈپ، يەككە كۈندىكى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىقتىدارى 2000 ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىدىن ئاشتى؛ ئالاتاۋ تۆمۈريولى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانىدا، يېپىق كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولدا ۋاگونلار ئاپتوماتىك ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ ماللار تەكشۈرۈلدى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ تېز بولغاندا 15 مىنۇتتا تاموژنىدىن ئۆتەلەيدىغان بولدى... «پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى، توشۇش مۇقىم بولۇپ، ۋاقىت ۋە ئامباردا ساقلاش تەننەرخى تېجەپ قېلىندى» دېدى ئالاتاۋ جىشۈنتۇڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى جاڭ پىڭپىڭ.

«يول ئىقتىسادى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتكەن ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى نۆۋەتچى پويىز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلدى، تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا سانى دەسلەپكى 12دىن كۆپىيىپ ھازىرقى 280دىن كۆپرەككە يەتتى، بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە مال كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى 509 مىڭ 300 توننىغا، ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا قىممىتى 9 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتتى.

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ھەمدە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 119نى، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدىن ئوننى ئېچىپ، 216 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتتى.

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى زورايتىلىپ، تاشقى سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، قازاقىستانلىق بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى جۇڭگودا ئىشلەنگەن بىر پىكاپنى تەكشۈرتۈۋاتاتتى، «بۇ يەردە رېمونت قىلدۇرسام، باھاسى %40كە يېقىن تۆۋەن بولىدۇ».

«باجدىن خالىي رېمونت قىلىش + تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولاي بولۇش» يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىكى خېرىدارلار توپىنى سىجىل جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىق مەركىزى تەدرىجىي ھالدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنى مەملىكەت سىرتىدا رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشتىكى ئالدىن تاللاش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى كەسپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

«تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتى، «چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆپ پورتتا ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش»، «چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى چېگرا ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش»... كۆپ تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تاشقى سودا كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى؛ قەشقەر بۆلەك رايونى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ قورغاس بۆلەك رايونى خاس تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى... ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 435 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %21.8 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشقان.

خادىملار ئارا ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش تېزلىتىلىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىندى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، قازاقىستانلىق بىر ئاغرىق سول پۇتى سۇنۇپ كەتكەچكە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6 ـ دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى كەلدى، «جۇڭگودىكى دوختۇرلارنىڭ تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكىم ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلدى».

«بىز ھازىر شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى) قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، پۈتكەن چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاغرىقلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ داۋالىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياڭ شىنلىڭ.

شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقان ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك زەخمە، شەكىل تۈزەش ۋە سۆڭەك بۆلۈمى تېببىي ئىلىم مەركىزى جۇڭيى تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى: ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. 2024 ـ يىلى شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن چېگرادىن كىرگەن 1 مىليون 593 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى؛ مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2025 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق بازارلار سىجىل ئېچىلىدىكەن...

«شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داغدام يول بەرپا قىلىشنى سىجىل تېزلىتىپ، نۇقتىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ