لى چياڭ ھىندونېزىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە مالايسىياغا بېرىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو-دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2025.05.23 15:15 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پرابوۋونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ھىندونېزىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مالايسىيانىڭ زۇڭلىسى ئەنۋەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو-دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ