شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 5- ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5 - ئايدا مەن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قوشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىدا يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىش، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك، يېشىل، بىيوتېببىي دورا، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، قۇرغۇچىسى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، جۇڭگو - فىرانسىيە توغرا ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئېلىپ بېرىپ، بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدىغان ئىشەنچلىك كۈچ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوچۇق كۈچ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلغار كۈچ بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ مۇستەقىل بىر قۇتۇپى دەپ قارايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەم ئىككى تەرەپكە بەخت يارىتىدىغان، ھەم دۇنياغا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ.
ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش مەيدانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تېز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇھىم مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ سىرتقا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى − جۇڭگو ئالاقە ۋە سۆھبەتنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.