«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2025-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2025.05.22 14:05 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2025-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ)نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنى ھۆكۈمەت تور بېكىتى ( http://www.xjzk.gov.cn ) ئارقىلىق رەسمىي ئېلان قىلدى.

«ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»دە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى، ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەخلاق-پەزىلىتىنى باھالاش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) بويىچە كەسىپكە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، قوبۇل قىلىش تۈركۈم-قېتىمىنى تەسىس قىلىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

«ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»نى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە چىقىپ بىۋاسىتە كۆرسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ