«تارىخىي نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2025.05.22 13:12 مەنبە: خەلق تورى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

باش ياز مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

جۇڭگونىڭ «ئوتتۇرا» قىسمىغا جايلاشقان، خۇاڭخې دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، چىنلىڭ تېغىغا يانداش، تەيخاڭ تېغىغا تۇتىشىدۇ. نوپۇسى كۆپ ئۆلكە، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە، يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى... ۋاقىت خېنەن سەھىپىسىنى ناھايىتى ئۇزاققا تۇتاشتۇردى، داۋاملىق پۈتۈشنى كۈتۈپ تۇرغان سەھىپىلەر تەدرىجىي يېيىلماقتا.

جۇڭگونىڭ تارىخقا بولغان چۈشەنچىسى توغرىسىدا، باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «يۈز يىل، مىڭ يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىش كېرەك».

چوڭ تارىخ قارىشىنىڭ ھەربىر نۇقتا، ھەربىر تەپسىلاتىغا چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىزلىرى چوڭقۇر ئويۇلغان. ئىككى كۈنلۈك خېنەن سەپىرىدە تەسىرات چوڭقۇر بولدى. باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا قىسىم رايونلار قانداق قەد كۆتۈرىدۇ؟ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ؟ تارىخىي نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

70 نەچچە يىللىق مۇساپە

«بۇ يولدا ماڭغىنىمىز توغرا بولدى»

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

بۇ شىركەتنىڭ ئاساسى «1 - بەش يىل» مەزگىلىدە قۇرۇلغان لوياڭ ئوققازان زاۋۇتى ئىدى. 1954 - يىلى، دالىدا، لوياڭ ئوققازان زاۋۇتى ئۈچۈن تۇنجى ئۆلچەش خادىسى تۇرغۇزۇلدى. ئۇ يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ئارزۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئەڭ دەسلەپكى يىللار ئىدى. «1 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ يەتتىسى لوياڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لوياڭ ئوققازان زاۋۇتىدىن باشقا يەنە كان ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار زاۋۇتى، تىراكتور ياساش زاۋۇتى قاتارلىقلار بار ئىدى، باش شۇجى بۇلارنى بەش قولدەك بىلەتتى.

بۇ كارخانىلار جۇمھۇرىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىدى، شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ ئۇچرىدى، سانسىز ئىزدىنىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئوققازان سانائەتنىڭ «بوغۇمى». «مىللەتنىڭ ئوققازان سانائىتىنىڭ قەددىنى رۇسلايمىز»، لوياڭ ئوققازان زاۋۇتىنىڭ بۇ قەسىمىگە كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئۇلۇغۋار ئىرادە ئويۇلغانىدى.

كۆرگەزمە سۇپىسىدا، مىللىمېتىر ئۆلچىمىدىكى نەپىس زاپچاسلار، يەنە شامال كۈچى گېنېراتورى، تونېل قېزىش ماشىنىسىغا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ زاپچاسلار بار ئىدى؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا بىلەك تۈجۈپىلەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، تۈرلۈك پارامېتىرلار ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ سوراپ، لوياڭ ئوققازان گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات يولىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. نەزەرىنى ھەممىگە ئاغدۇردى، كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشنى ئويلىدى، يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەتلىشىش يولىدىكى ئاشۇ گىرەلىشىپ كەتكەن ئىزلار، سانسىز جاپا - مۇشەققەتلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن شان - شەرەپلەر كۆز ئالدىدا بىر - بىرلەپ نامايان بولدى.

«ئىلگىرىكى سەرەڭگە، سوپۇن، قاڭالتىر قاتارلىقلارنى سىرتتىن سېتىۋالىدىغان چاغلار»نى ئەسلىدى، ئەينى چاغدىكى «نامرات ھەم ئارقىدا قالغان جۇڭگودا 156 تۈردە سانائەت قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقى»دىن ھاياجانلاندى، «بىز جاسارەت بىلەن قۇدرەت تاپتۇق، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ، <ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ>نى ياساپ چىقتۇق» دەپ زوقلاندى، شۇنداقلا «بۈگۈن بىز سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۇنيا ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت بولدۇق» دېدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر نامايان بولۇپ تۇراتتى، شۇنداقلا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، خەلقئارا سېلىشتۇرمىلار بىر يەكۈننى ئىنتايىن ئايدىڭلاشتۇردى. باش شۇجى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز ئوقەتچىلىكنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ سانائەت، ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، بۇ يولدا ماڭغىنىمىز توغرا بولدى!»

يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ماڭغانسېرى مۇستەھكەملىنىدۇ.

جۇڭگو ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەكمۇ - يوق؟ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي بولدى، «ھەرقانداق ۋاقىتتا جۇڭگودا ياسىمىچىلىق كەم بولسا بولمايدۇ». قالتىس ئىستراتېگىيەلىك نەزەر 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈچەشكە يېتەكلىمەكتە، بۇ ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگىنى «دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئۇلى»نى قەدەممۇقەدەم مۇستەھكەملەش بولدى.

لوياڭ ئوققازان گۇرۇھىنىڭ ھالقىشى دەل بىر كۆزىتىش ئەۋرىشكىسى. كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوققازاننى تېخى ئىشلەپچىقىرالمايتتۇق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخنىكا دەرىجىمىزنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مەھسۇلاتىمىزنىڭ ھۈنەر - سەنئەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بۇلتۇر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوققازاننىڭ مەھسۇلات قىممىتى كارخانىمىز ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.

خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولغان ياسىمىچىلىق ھالقىشتا نېمىگە تاياندى؟

بىر جاۋاب شۇكى، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشتى.

سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، «ياساپ چىقىش»تىن «نەپىس ياساش»قىچە، «چوڭ» بولۇشتىن «كۈچلۈك» بولۇشقا ئۆزگىرىشكىچە ھەربىر قەدەم يۈكسىلىشتە پەن - تېخنىكا تىرىكى بار.

بۇ ھەقتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

«زامانىۋى ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.» بۇ جۈملىدە سۆزلەنگىنى يۆنىلىش.

«<گالنى بوغىدىغان> مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ھەل قىلىشقا ئۆزىمىزنى قىستىشىمىز كېرەك، شۇندىلا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەيمىز، سۇمۇرغقا ئوخشاش ئوتتا تاۋلىنالايمىز.» بۇ جۈملىدە مۇھاكىمە قىلىنغىنى روھ.

يېڭىلىق يارىتىشتا مۇقەررەر تىكەن، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىلغا دۇچ كېلىمىز. پەقەت يۆنىلىشنى توغرا تونۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە غەيرەتكە كېلىدىغان قەيسەرلىكنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن شامالغا قارشى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

بۇمۇ دەل جۇڭگونىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قىياپىتى.

بىر جاۋاب شۇكى، ئىختىساسلىقلار تىرەك بولدى.

لوياڭ ئوققازان گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى: بۇ جاينىڭ «بىر زاۋۇت، بىر تەتقىقات ئورنى، بىر ئالىي مەكتەپ، بىر ئاكادېمىيە» ئەندىزىسى ئوققازان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دەپ دوكلات بەردى، باش شۇجى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «بۇ جاينىڭ ئوققازان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېكولوگىيەسى ياخشى ئىكەن، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى» دېدى.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماس ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشتا ھەرقايسى جايلار قىزغىن كەيپىياتتا ئالغا سىلجىتماقتا.

«زاۋۇتقا كەلگىنىڭىزگە قانچىلىك بولدى؟» «ئوقۇش تارىخىڭىز نېمە؟» «ئىش ئورنىغا چىقىش بويىچە تەربىيەلىنىشنى قانداق قىلدىڭىز؟» «كىرىمىڭىز قانداقراق؟» لوياڭ ئوققازان گۇرۇھىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىختساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا، باش شۇجى چوڭقۇر ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئىختىساسلىقلار − ئۈمىد. ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

5000 يىلدىن ئارتۇق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى توغرىسىدا «نەق مەيدانغا كۆپرەك بېرىپ ئىزدىنىش كېرەك»

5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تومۇرى، 4000 يىللىق شەھەر قورۇش تارىخى، 13 سۇلالىگە پايتەخت بولغان قەدىمىي شەھەرنىڭ كاتتا مەنزىرىسى لوياڭغا مۇجەسسەملەنگەن.

تاغ - دەريالارنى كېزىپ جۇڭگوغا قايتا - قايتا نەزەر سالساق، سەلتەنەتلىك مەدەنىيلىك تومۇرى ۋە جۇڭخۇا زېمىنىدىكى جەۋھەرلەرگە چەكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت مۇجەسسەملەنگەن. بۇ بىر كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەيما ئىبادەتخانىسى، لۇڭمېن تاش غارىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مىڭ يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بەيما ئىبادەتخانىسىدا ئەڭ بۇرۇنقى نوم تەرجىمە قىلىش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئورنى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى «ئاق ئاتقا نوم ئارتىپ مېڭىش» دېگەن تەمسىلنى سۆزلەپ، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى.

قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ يېرىقلىرىغا ۋاقىت ئىزنالىرى ئويۇلغان، كاھىش بىلەن لىم تەگلىكى ئارىسى تارىخنىڭ چاڭ - توزانلىرى بىلەن تولغانىدى. ئوتتۇرا ئوق يولىدا، ھەرقايسى چوڭ قەسىرلەر جەنۇبتىن شىمالغا قاتار تىزىلغانىدى. تاش ئات، ھەيكەل، ئابىدىگە ئويۇلغان خەت ياكى رەسىملەر، بۇلارغا نەزەر سالساق ھەممىسى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدى. «بەيما ئىبادەتخانىسىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى»نىڭ يىپەك يولىدىكى ئەكس ساداسى، سانسىكرىت ئاھاڭى بىلەن خەن سۇلالىسى تۈسى ئارىسىدىكى مەدەنىيلىك سۆھبىتى، بۇلار جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىزاھلاپ تۇرماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاستا مېڭىپ سىنچىلاپ كۆرۈپ، نەزەرىنى تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئاغدۇردى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىدا، «خىلمۇخىل رەڭلەر گىرەلىشىش، بىر - بىرىگە ھۈسن قوشۇش» قەدىرلەنگەن بولۇپ، ئاخىرىدا ھەممىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ كەلگەن. ئۇ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: «بەيما ئىبادەتخانىسى بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش، راۋاجلىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز جۇڭگوچىلىشىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش تامامەن توغرا بولۇپ، دىننى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشقا، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك».

لوياڭنىڭ جەنۇبىدا ئىككى تاغ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، يىخې دەرياسى ئوتتۇرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. «ئىبادەتخانا تىك يارنى بويلاپ ياسالغان بولۇپ، تىك قىيادا مىڭلىغان بۇت تەكچىلىرى بار»، لۇڭمېن تاش غارى «جۇڭگو تاش ئويما سەنئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىنياڭ ئۈچ ئۆڭكۈرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، سىنچىلاپ نەزەر سالدى، چوڭقۇر ئويلاندى. «مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئۆڭكۈر تىك قىيا تاشلارغا رەتلىك ئويۇلغان، ئۈچ تاش غاردىكى بۇت ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى»، يىچۆ بۇت تەكچىسىدىكى ئابىدىنىڭ «خەتلىرى ئالتۇندەك پارقىراق، قۇر ئارىلىقلىرى قاشتېشىدەك سىلىق» ئىدى. باش شۇجى بىر بۆلەك ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى. ئۇ ئەينى يىلى خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، لۇڭشىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر ئابىدىنى كۆرگەنىدى، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ، نۇرغۇن جايلىرى شامالدا ئۇپراپ كەتكەچكە، ئۇ دەرھال قوغداش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان، كېيىن ئۇنىڭ مۇھىم خەتتاتلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانىدى. «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش» دېگىنىمىز نېمە، كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ مېھىر - مۇھەببەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ساياھەتچىلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. ئۇلار ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن باش شۇجى تەرەپكە قاراپ، بەس - بەستە ئولىشىپ كەلدى.

«سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن سالاملاشتى.

جاۋاب سادالىرى ئۈزۈلمىدى. جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار، بالىلار بار ئىدى، تېخىمۇ كۆپى ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ئىدى.

بۇ چاغدا، بىرەيلەن يۇقىرى ئاۋازدا: بىز باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى ئاسارئەتىقىلەرنى كۆرگىلى كەلدۇق، دېدى.

كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار داڭقىنى ئاڭلاپ كەپسىلەردە! جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، بىزنىڭ نەق مەيدانغا كۆپرەك بېرىپ ئىزدىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

«ئىزدىنىش»تە يىلتىز ۋە مەنبە ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشتىن - ئاخىر مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مەدەنىيلىك سامانيولىنىڭ داۋاملىشىشىدىن مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگىچە بولغان جەرياننى ئويلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئىستىقبالى پارلاق، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

گۇياڭ ئۆڭكۈرىدە، يۈنگاڭنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدىلىكى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئېنىق، زىلۋا ئوبرازلار، نەپىس كىيىنىشلەردە «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبى»مۇ نامايان بولۇشقا باشلىدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى باش چۆكۈرۈپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇلار باش شۇجىغا كۆز ئالدىدىكى جەۋھەرلەرنى بىرمۇبىر تونۇشتۇردى: «لۇڭمېن ھەيكەلتىراشلىقىدىكى 20 ئەسەر»دىن بۇ جايدا 19ى بار، «يېزىلىشى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم، مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر» بولۇپ، «شىمالىي ۋېينىڭ ئابىدە خېتى» نۇسخىسىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

تاغ قاپتىلىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندە، فېڭشيەن ئىبادەتخانىسىدىكى غايەت چوڭ ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، «بۈيۈك تاڭ سالاپىتى» كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. مەيلى سالاپىتى، ياكى ئاددىي - ساددىلىقى، ياكى ھەيۋەتلىكلىكى جەھەتتە بولسۇن، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، كۆرۈنۈشىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئەينى يىللارنى ئەسلىگەندە، تاغ جىلغىلىرىدىن پالتا ۋە ئىسكىنە ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى، زور قۇرۇلۇشلار نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك - ھە! باش شۇجى شى جىنپىڭ چەكسىز ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تارقىتىش كېرەك».

لۇڭمېن تاش غارىدىن ئايرىلىش پەيتىدە، باش شۇجى ئوت - چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن يىخې دەرياسى بويىدا تۇرۇپ، شىسەندىكى قاتار تىزىلغان مىڭلىغان بۇت تەكچىسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، مول مەدەنىيلىك كەيپىياتىنى تولۇق كۆردى. سۇس دولقۇنلاپ تۇرغان يىخې دەرياسى جىمجىت ئاقاتتى. قارشى قىرغاقتا، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئويما ئىزلىرى، گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىدىكى ئىسكىنە ئىزلىرى بار بولۇپ، تىك قىيالار ئارىسىغا مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئويۇلغانىدى.

مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، كۆپ خىل مەدەنىيلىك جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يۇغۇرۇلۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى مۇجەسسەملىدى. ۋاقىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دەۋر دولقۇنىدا ئۈزلۈكسىز مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشكە، يىلتىزىنى ئىزدەشكە، مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كىچىك دوستلارنى «كىچىكىدىن باشلاپ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش»قا رىغبەتلەندۈردى.

قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىش، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالماي، ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى».

ھەر بەش يىلنىڭ داۋاملىشىشى

«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك»

«بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى.» بەش يىللىق يىرىك پىلان كەلگۈسى نىشاننىڭ بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ، «ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئەۋرىشىملىكتىن كېلىدۇ.

خېنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ بىر خاسلىقى. بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، خەلق رايىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغان ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يىرىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك ئىجرا قىلىش كۈچى ئارقىلىق بۇ پىلانلارنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق».

ئومۇملۇق بىلەن بىر ساھەنىڭ مۇناسىۋىتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىر جۈپ مۇناسىۋەت. ھەم «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات» بولۇشتەك بىرتۇتاش پىلان بولۇشى كېرەك، بۇ ھەم ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا كۆلىمى 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان زېمىندا ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان ئومۇمىيەتتە، ھەرقايسى رايونلار باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭماسلىقى، ئاددىيلا تەقلىد قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، قانداق قىلغاندا ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدىغانلىقى، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەردىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشى كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ مېتودولوگىيە ئۈستىدە توختىلىپ.

دوكلات يىغىنىدىكى ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆز ئومۇملۇق بىلەن بىر ساھەنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلەشنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى.

بىرىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات. ھەم نۆۋەتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك ئەۋرىشىملىكنى پۇختىلاشنى كۆزلەش كېرەك.

«بۇ يىل بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى ئاشتىمۇ، مۇقىم بولدىمۇ ياكى تۆۋەنلىدىمۇ؟ بۇ قېتىمقى قۇرغاقچىلىق سىلەرنىڭ ھوسۇل ئېلىشىڭلارغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟» بۇ سۆزدە جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى كۆزدە تۇتۇلغانىدى.

ئۆلكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، دەرھال: «خېنەندە ئەينى چاغدا نامرات نوپۇس قانچىلىك ئىدى؟» دەپ سورىدى، بۇ سوئالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئىنچىكىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەنىدى.

«ئېكولوگىيەنى قوغداش گۈللۈك، باغچە قۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس.» بۇ بىر جۈملە سۆزدە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىستىلى تەشەببۇس قىلىنغانىدى.

«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق ھەر خىل ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، بۇ، ھازىرقى تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر رايون ھەربىر تەرەققىيات تېمىسىغا جاۋاب بەرگەندە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇشى، تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش.

«خېنەننىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى، نوپۇس زىچلىقى، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى بىرقەدەر چوڭ، جەمئىيەت مەسىلىلىرى مۇرەككەپ، كۆپ خىل، جەزمەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى پۇختا كۈچەيتىش كېرەك».

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلغاندا ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاشنى نەزەردە تۇتۇپ باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك».

«فېڭچياۋ تەجرىبىسى» قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋردە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ؟ «كۆڭۈلدە سان بولۇش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك، مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن خىزمەتنى تۇتىمەن دېگەندە ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ، ھەمىشە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇشقا بولمايدۇ» «ھەقىقىي تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك، ياخشى ئىش، گۈل ئۆستۈرىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا تارتىپ قىلىپ، قىيىن ئىش، باشقىلارنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ قىلىشىغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ»، باش شۇجى ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلىدى، چوڭقۇر كۆردى، «زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا بىرىنچىدىن، باستۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش كېرەك»...

«گەرچە بىز كىچىككىنە ئايماق - ناھىيە ئەمەلدارلىرى بولساقمۇ، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.» جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ ئېنىق تەلەپتە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا، بۇ مۈشكۈل ھەم قىيىن دەۋر تېمىسىغا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئورتاق جاۋاب بەرمەكتە.

مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك

«پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىش بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك»

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە كۈرەشلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى باشلاش»قىچە، يەنە يېڭى دەۋردە «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى»دا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكىچە... ئىلگىرى نامرات ھەم ئاجىز، بوزەك بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگونىڭ 70 نەچچە يىلدا ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تارىخىدىكى مۆجىزىنى يارىتالىشىنى كىممۇ ئويلاپ باققان؟

«پەقەت بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىلا ئىشقا ئاشۇردۇق».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل؟ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى «مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»، بۇ دەل 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنى ئوقۇپ چۈشىنىشتىكى مەنىۋى شىفىرلارنىڭ بىرى.

بۇ قېتىمقى خېنەن سەپىرى دەل پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. ئىدىيە كىرىچىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەتنىڭ بىسىنى يەنىمۇ تاۋلاش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك.

«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىر.» مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەرگە شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىرادە ۋە جاسارەت يۇغۇرۇلغان، ئۇنىڭغا يەنە شۇنچە كۆپ ئۆزگىرىش ۋە ھالقىش مۇجەسسەملەنگەن!

ئىلگىرى يەرلىكتە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستىل مەسىلىسىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلەتتى: بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۆبىڭ سوۋغا قىلىش، زۇڭزا سوۋغا قىلىش، يېڭى يىل ئاتكرىتكىسى سوۋغا قىلىش، ئاسما كالېندار سوۋغا قىلىش بىر مەھەل قايتا - قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمىگەنىدى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئەمەلىيلىشىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى جانلاندى. ئون نەچچە يىللىق تاۋلىنىشتا پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭى تۈسكە كىردى.

بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەب نېمە؟ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم خېنەنگە كېلىپ، لەنكاۋغا بېرىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ قېتىم خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىلگىرىكىدەكلا سەپەرگە يېنىك ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپكە بىۋاسىتە باردى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى جۇڭگونى ئۆزگەرتتى.

توختىماي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى بارغانسېرى مۈشكۈل بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، ئەڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشى، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، قول كۆيدۈرىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «<تۆت خاھىش> مەسىلىسىنىڭ جاھىللىقى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىش، قايتا باش كۆتۈرۈشى، يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك».

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئالدىدا، «قۇلاقنى يوپۇرۇۋېلىش» كېرەكمۇ ياكى «قاتتىق بىر شاپىلاق سېلىش» كېرەكمۇ؟ بۇ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجىنىڭ ئويلايدىغىنى پارتىيە رايى، خەلق رايى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۇلى: «<تۆت خاھىش> مەسىلىسى مەۋجۇت بولسىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش ھالىتىدە قەتئىي جەڭ قىلىش كېرەك».

ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ ئۆزى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا زىت، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نەچچە ئونمىڭ خەتلىك ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىشنى ئۆگىنىش نەتىجىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك» «قۇرۇق گەپ قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق».

خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسى. دەل تارىخىي قانۇنىيەت ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قايتا - قايتا مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بەش يىللىق، ئون يىللىق بەلگىلىمە ئەمەس، بەلكى «ئۇزاق مەزگىللىك، ئۈنۈملۈك تۆمۈر قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم».

خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغىلى ئىككى ئاي بولدى، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «ئىستىل قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىش بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقتى، سەلتەنەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى بۇ يەردە گىرەلەشتى.

خېنەن سەپىرىدىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جاراڭلىق قەدەم ساداسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ