5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك».
خېنەن جېڭجوۋ ئاۋىياتسىيە پورت رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن خەيتاۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى: «بىز دۇنيا دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.»
لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئوققازىنى قاتارلىق يېڭى مۇسابىقە يولىدا كۈچەپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ گۇرۇھنىڭ تېخنىكا ئىنژېنېرى ياڭ فۇيۈن مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى. بىز باش قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ <كوزىر مەھسۇلات>لارنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.»
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم زامانىۋى ياسىمىچىلىققا كۈچ قوشتى، ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كۈچ قوشتى. لۇڭمېن تاش غارى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇزېي تەتقىقاتچىسى ما چاۋلۇڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولۇپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، لۇڭمېن تاش غارىدا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشتىن ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قوغداشقىچە بولغان مۇھىم ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، لۇڭمېن تاش غارىنى ياخشى قوغدايمىز، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز، ئۇنى ياخشى تارقىتىمىز.»
زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتىن ھاياتىي كۈچ ئېلىپ، ئەنخۇي لىنچۈەن ناھىيەسىنىڭ ئاشلىق، ياغ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 2024-يىلى 5 مىليارد 780 مىليون يۈەنگە يەتتى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە پۇختا ئېلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز» دېدى لىنچۈەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن جيې.
باش يازدىكى نىڭشيادا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتاتتى. ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ تۈزەش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ سۇ سۈپىتى نىڭشيادا يىل بويى Ⅱ تۈردىكى ئەلا سۇ سۈپىتىنى ساقلاپ كەلدى. «بىز خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ساغلام، تىنچ ئېقىشىنى قوغدايمىز» دېدى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە-مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى پىڭ شۆجى.
جەمئىيەت ئىدار قىلىشنى پۇختا كۈچەيتىش
يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بازىسى.
سىچۈەن مېيشەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈ بو مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تەشكىللەپ قۇرۇش، پائالىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نىشانلىق كۈچەپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.»
نىڭشيانىڭ تۇڭشىن ناھىيەسىدە كۆپ تارماق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرى زىددىيەت-ماجىرادىن 1191نى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ 1160ىنى ھەل قىلدى، ھەل قىلىش نىسبىتى %97.4كە يەتتى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدار قىلىشنى پۇختا كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە ئاخىرىغىچە، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى تۇڭشىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ جىجۇڭ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنىڭ قىممەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ، كارخانىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»
فۇجيەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېڭ چيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «فۇجيەن دىققەتنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا سەمىمىي بولۇش، سودىدا سەمىمىي بولۇش، جەمئىيەتتە سەمىمىي بولۇش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچى ۋە شەخسىي ئىناۋەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش ياخشى كەيپىياتى يارىتىدۇ. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى تېزلىتىۋاتىمىز.»
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھۆل-يېغىن ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىرقەدەر ئاز بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئەنخۇي 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى خۇەيخې دەرياسىغا باشلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن پايدىلىنىپ، رايون ھالقىپ جەمئىي 1 مىليارد 164 مىليون كۇب مېتىر سۇ باشلاپ، نۇرغۇن جايدىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.
«بىز سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، سۇ ئىشلىتىشنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇغىرىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، لايىھەنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىق بىلەن ھۆلچىلىكنىڭ تېز ئالمىشىشىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىمىز» دېدى ئەنخۇي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېڭ جيەن.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش
«يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار كۆرسىتىپ بېرىش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزئارا ئىزدەش، ئۆزى تەكشۈرۈش»، دىققەتنى 11 جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، 113 تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش... سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ ئەستايىدىل ھالدا ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇشى، تۈزىتىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى چېڭدۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گەن لىجۈن.
فۇجيەن نىڭدې جوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ چىبۇ بازىرى خوۋياڭ كەنتىدە، 1000 مو ئورمانلىق زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ تۇراتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ مياۋشياڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئورمانلىققا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان مارجان ئوت قاتارلىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«كەسىپنى تۇتۇپ، يۇرتداشلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ كۆپەيدى! ئورمان ئىقتىسادى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەتچىلىكى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز» مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەگىشىپ، جاڭ مياۋشياڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، خېنەن جېڭجوۋ جىنشۈي رايونى دۇلىڭ كوچا باشقارمىسى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى بىر بېكەتتىلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى. دۇلىڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن لالا مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز باشتىن-ئاخىر ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىمىز دەپ بىلىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىنى بەخت مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرىمىز!»
مەنبە: خەلق تورى