تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى: كونا ئۆيلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئۆي قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك

2025.05.21 13:47 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن خەيشياڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: ياخشى ئۆي سېلىشتا، ئاساسلىقى بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل ياخشى ئۆيلەرنى زور كۈچ بىلەن سېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كونا ئۆيلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئۆيگە ئۆزگەرتىش كېرەك. خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا زاۋۇت بىناسى، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بىنا، ئەنئەنىۋى سودا ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساقلانما ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ