ۋاڭ خۇنىڭ مېكسىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

2025.05.21 13:45 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا مېكسىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2024-يىلى 11-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېنباۋۇم بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو-مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: مېكسىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. مېكسىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا قايىللىقىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. مېكسىكا ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مېكسىكا-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

خې باۋشياڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ