5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقنى تۈگىتىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى. جۇڭگو جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامرات نوپۇسنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نامرات نوپۇسنى ئازايتىش مەسىلىسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا تەرەققىيات مەسىلىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سىياسەت جەھەتتە پىكىرلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن يىراق بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇنبەر شۇ كۈنى شەنشىنىڭ شىئەندە باشلاندى، باش تېمىسى «نامرات نوپۇسنى سىجىل ئازايتىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە، ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.