شىنجاڭ ئىلىدىن قازاقىستان ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بىر ھەپتىدە قوش نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ

2025.05.20 14:39 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى. قازاقىستان «فېيشى» ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن غۇلجىغا قاتنايدىغان خەلقئارا قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ غۇلجا بىلەن ئالمۇتا ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش قولايلىقىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ