ئۈچ كىلومېتىر ئىچىدە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ! 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي تورغا چىقىرىلىدۇ

2025.05.20 14:35 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېرىم يىلغا يېقىن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يان تېلېفون تېرمىنالىدا توردا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، توردا چىقىم قىلىش، رېتسېپنى ئوبوروت قىلىش، دورىلارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرۇش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسى» سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئاساسىي قاتلامدىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەم قىسمەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىغا تايىنىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، توردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى راسچوت قىلىش ھەمدە دورا باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدىكەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما كېسەل كۆرسىتىشتە سۇپا ئارقىلىق نومۇر ئالالايدىكەن، رېتسېپنى ئوبوروت قىلالايدىكەن، دورىلارنى قولاي ئىزدىيەلەيدىكەن، تەكشۈرەلەيدىكەن، باھاسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە سېلىشتۇرالايدىكەن، دورا سېتىۋالغاندا راسچوت قىلالايدىكەن، نۆۋەتتە سۇپا ئاساسىي قاتلامدىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 118 گە، بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسىدىن 859 غا ئۇلانغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ