ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بايدېنغا مەزى بېزى راكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

2025.05.19 13:54 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بايدېن ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتقا ئاساسلانغاندا، بايدېنغا يامان سۈپەتلىك مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، راك ھۈجەيرىلىرى سۆڭەككە كېڭەيگەن.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بايدېندا ئالدىنقى ھەپتە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن بىر يېڭى مەزى بېزى تۈگۈنچىسى بايقالغان، دوختۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ باھالىغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بايدېنغا مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: گەرچە بۇ بىر خىل تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم خاراكتېرلىك راك كېسىلى بولسىمۇ، بۇ خىل راك كېسىلى ھورمۇنغا سەزگۈر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدىكەن، بايدېن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ دوختۇرى بىلەن داۋالاش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ