ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە كىشى، بەش كوللېكتىپ مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرى بولۇپ تەقدىرلەندى

2025.05.19 13:53 مەنبە: خەلق تورى

 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا جەمئىي 200 نەپەر «مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى»، 200 «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» ۋە 60 نەپەر «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» تەقدىرلەندى. ئاپتونوم رايوندىن بەش شەخس «مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى، بەش كوللېكتىپ «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى، بىر شەخس «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى.

يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، باراۋەر بولۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش قىممەت ئىدىيەسىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ مېيىپلەرنى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ يۈنشيۇ، چېن لىفېڭ، لۈ جېڭباۋ، ھاياتخان بەكتۇ، شاۋكەت تىلىۋالدىدىن ئىبارەت بەش شەخس «مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى» نامىغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ دۇڭفاڭ جىنشېڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، قومۇل ئېغىر بېتون پاراۋانلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قۇتۇبى ناھىيەسى ياڭگۇاڭ رەڭلىك باسما چەكلىك شىركىتى، يەكەن ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بەش كوللېكتىپ «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشتى؛ ما لى «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» نامىغا ئېرىشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ