شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يان − لۇسىئېن ساۋى دېتوۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ توگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە فولېي ئىسسوزىمنا ناسسىنبېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ توگو جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن توگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە يەرشارى جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2024 - يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو - توگو مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. مەن جۇڭگو - توگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، توگو رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭمۇ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، فولېينىڭ توگو جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.