شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىستىل قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش - يۈرگۈزەلمەسلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش - قىلالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە ۋە نۇقسانلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق، ئىنتىزام بوش بولۇش، ئىستىلدا تۇراقسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىش كەيپىياتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل يۈكسەلدى، پارتىيەنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى يېڭىدىن يۈكسەلدى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلىشىغا ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈندۇر. ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز پەقەت ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ تۇتساقلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستىل مەسىلىسى ماھىيەتتە پارتىيەۋىلىك مەسىلىسى. «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى پارتىيەۋىلىكتىن چەتنەش، ئاساسىي مەقسەتنى يوقىتىپ قويۇش. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە «تۆت خاھىش»نى چوڭقۇر تۈزەپ، «چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» پەيدا بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق قاتارلىق ناچار ئىستىل، ناچار ئادەتلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، «تۆت خاھىش»تىكى يوشۇرۇن ئۆزگىرىش يېڭى يۈزلىنىشنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك! شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. پەقەت تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىدىغان غەيرەت، داۋاندىن ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان جاسارەت بىلەن ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېگى - تەكتىنى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرگەندىلا، يامان ئىشلارنى تۈگىتىپ جەمئىيەت ئىستىلىنى ياخشىلىغىلى، تىنچ - گۈللەنگەن ۋەزىيەتنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئون يىل يەتمىسە 20 يىل، 20 يىل يەتمىسە 30 يىل، تاكى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات ياراتقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بىز تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن داۋاملىق تۇتۇپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ، بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.