غەربىي شىمال بىلەن غەربىي جەنۇب رايونى ئارىسىدىكى زىچ ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-جاڭيې-چۇڭچىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە A 320 تىپلىق ئايروبۇس ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش پىلانلانغان، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە بولۇپ، بېرىش مۇساپىسىدە GS 6592 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17:00دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، جاڭيېدا توختىغاندىن كېيىن، سائەت 23:00 تىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇم (T3)ىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە GS6591 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:00 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى (T3)دىن يولغا چىقىپ، جاڭيېدا توختىغاندىن كېيىن، سائەت 12:00دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ.