سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى « بالىلار قول سائىتى بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى»دىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)گە قارىتا ئاشكارا پىكىر ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە باتارېيە بىخەتەرلىكى، تورغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى، جۈملىدىن بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ تۇنجى قېتىم چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچقاندا، ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.