جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مارك كارنېي كانادانىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
لىن جيەن: زۇڭلى لى چياڭ زۇڭلى كارنېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ كانادا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، زۇڭلى كارنېي بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ يىل جۇڭگو-كانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتنى ياخشىلاش توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.