جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرى ياپونىيەلىك بىر ئەرنىڭ جۇڭگودا جاسۇسلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
لىن جيەن: جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى بۇ دېلونى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ بېجىرىپ، بۇ جەرياندا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگودىكى پۇقرالىرىنى جۇڭگونىڭ قانۇن ـ نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشقا، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىققا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.