تور سىرتىدا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشتا سودىگەرلەرنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى توردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى

رويخەتكە ئالدۇرمايلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ

2025.05.15 15:13 مەنبە: خەلق تورى

بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئاچقان تور سىرتىدا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشتا سودىگەرلەرنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى —«ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش» توردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. ئىستېمالچىلار ئۆيىدىن چىقمايلا، ھەرقايسى جايلاردىكى تور سىرتىدىكى سەۋەبسىز مال قايتۇرىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قولاي، ئاددىي، بىر كۆزنەكتە تەكشۈرەلەيدۇ.

ئىستېمالچىلار ئۈندىداردىن «ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش»نى ئىزدىسە ياكى مۇناسىپ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ «ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش» كىچىك ئەپچىقىغا كىرسە بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرمايلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. «ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش» كىچىك ئەپچىقىدا «تور سىرتىدا سەۋەبسىز مال قايتۇرىدىغان سودىگەرلەرنى سۈرۈشتۈرۈش» كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ رايون، كارخانا نامى، تاۋار تۈرى بويىچە تور سىرتىدا سەۋەبسىز مال قايتۇرىدىغان سودىگەرلەرنى ئىزدىشىنى قوللايدۇ ھەمدە يول باشلاش، تېلېفون بېرىش، سودىگەرلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ