دىڭ شۆشياڭ 2025-يىللىق دۇنيا رەقەملىك مائارىپ يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2025.05.15 15:12 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋۇخەندە 2025-يىللىق دۇنيا رەقەملىك مائارىپ يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەقەملىك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر تۈرلۈك، ھەرقايسى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجە ئۆستۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئاقىل ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان زامانىۋى رەقەملىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك تېخنىكا مىسلىسىز سۈرئەت ۋە شەكىلدە مائارىپقا سىڭىپ كىرمەكتە، ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدىكى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى ئىگىلەپ، رەقەملىك مائارىپ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «دۇنياۋى رەقەم كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇ تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك رەقەملىك مائارىپ خەلقئارا ئوچۇق ھەمكارلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك مائارىپ ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەتتە پىكىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، رەقەملىك مائارىپ خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك تېخنىكىنىڭ مائارىپنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى، ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق كودلۇق، ئېچىۋېتىلگەن، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك مائارىپقا ئورتاق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ساھەسىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ئەندىزىنى ئورتاق ئېچىپ، ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ رەقەملىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك مائارىپ نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك مائارىپنىڭ قولايلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تېخنىكا مەدىتىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك مائارىپ تەرەققىياتىدىكى پەرقنى تۈگىتىش كېرەك. تۆتىنچى، قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك مائارىپ ئېتىكىسى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى پۇختىلاپ، پەن-تېخنىكىنى پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك مائارىپنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ مەھسۇلاتلىرى، قورالى، مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك مائارىپنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە مائارىپ، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى خەن چۇننالو باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، دىڭ شۆشياڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

2025-يىللىق دۇنيا رەقەملىك مائارىپ يىغىنى «مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋر»نى باش تېما قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەكىللىرى ھەمدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلاردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ