ياپونىيە خىروشىما ناھىيەلىك ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساقچى تەرەپ خىروشىما شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى خىروشىما داشۆسى شيا مەكتەپ رايونىدىكى بىر چېقىش-كۆچۈرۈش ئىش ئورنىدا، يەر ئاستىدىن پارتلىمىغان بومبا دەپ گۇمان قىلىنغان جىسىمنىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان.
ساقچى تەرەپ نەق مەيداندا پارتلىمىغان بومبا دەپ گۇمان قىلىنغان جىسىمنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە نەق مەيدان ئەتراپىغا چەكلەش رايونى ئورناتقان. ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 سانتىمېتىر، دىيامېتىرى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ جىسىمنىڭ پارتلاش خەۋپى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاۋېتىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، خىروشىما داشۆسىنىڭ شيا مەكتەپ رايونى ئىلگىرى ھەربىي قورال-ياراغ ئامبىرى تۇرۇشلۇق جاي ئىكەن.