بۇ ھەپتە خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شەنشىنىڭ گۇەنجۇڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ
16-چېسلادىن 17-چېسلاغىچە خېبېي، خېنەن، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا بىرقەدەر كەڭ دائىرىدە 35 سېلتسىيە گىرادۇس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن جايلاردا 37 سېلتسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ، ھەتتا 40 سېلتسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ ياكى چىقىدۇ.
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ
مائاش كارتىڭىزغا بەلكىم بىر قىسىم پۇل ئارتۇق كىرىشى مۇمكىن!
كېلەر ئايدىن باشلاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ
كىملەر ئالسا بولىدۇ؟
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى↓↓
يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى توغرىسىدا، «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچىلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانسا، قانۇن بويىچە ئىش ئورنى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى 35 سېلتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا دالا مەشغۇلاتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەتمىگەن بولسا، ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىشى ھەمدە مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق دالا مەشغۇلاتى قىلغاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، دالىدا ئىشلىمەيدىغان ئەمگەكچىلەرگە قارىتا، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەتمىسە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. نۆۋەتتە، 31 ئۆلكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 100 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولدى.