مۇخبىرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، رەقەملەشكەن دەۋردىكى بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەزۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەك قاتارلىق تاقايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئۆزىنىڭ قولايلىقى، ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن جەمئىيەت قاتلىمىدا تېز ئومۇملاشقان، ئۇلار ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەپ، يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە يىراق مۇساپىلىك خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن. لېكىن بۇ قولايلىق ئىقتىدارلارنىڭ كەينىدە مۇئەييەن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش خەتىرى بار بولۇپ، ئالدىنى ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سورۇنلاردا تاقايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، تاقايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن ئۇلاش مەنئى قىلىنىدۇ. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سورۇنلارنىڭ كىرىش ئېغىزى، ئىش بېجىرىش رايونى قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان جايلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش ۋە مەخسۇس ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئايرىپ ساقلاش ساندۇقى سەپلەپ، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سورۇنلارغا كىرىدىغان خادىملارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىپ ساقلاپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.