جىڭدۇڭ، مېيتۈەن، ئېلېمې قاتارلىق زاكاز سۇپىلىرى سۆھبەتكە چاقىرتىلدى

2025.05.14 15:55 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە، ھازىرقى زاكازلىق تاماق كەسپى رىقابىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، جىڭدۇڭ، مېيتۈەن، ئېلېمې قاتارلىق سۇپا كارخانىلىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى:

ئالاقىدار سۇپا كارخانىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىجارەتنى قانۇنلۇق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىپ، ياخشى بازار مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلار، سۇپا تىجارەتچىلىرى ۋە تاماق يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلىق، ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ