مۆلدۈر يېغىپ ئاپتوموبىلنى بۇزۇۋەتسە تۆلەم ئالغىلى بولامدۇ؟ دېلو مەلۇم قىلىش ۋاقتىغا قانداق تەلەپ بار؟

2025.05.14 15:53 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، بېيجىڭدا كەڭ كۆلەمدە يامغۇر، مۆلدۈر يېغىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆيىگە قايتىش يولىدا ياكى ئاپتوموبىلنى ئوچۇقچىلىقتا توختىتىپ قويغانلىقتىن، مۆلدۈر ئاپتوموبىل يۈزىنى ئويۇۋەتكەن، ھەتتا ئاپتوموبىل ئەينىكىنى تېشىۋەتكەن. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بېرەمدۇ؟ قانداق سۇغۇرتا تۈرىگە قاتناشسا ئاندىن تۆلەم بېرىلىدۇ؟ بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 6-سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ يىنخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: مۆلدۈر سەۋەبىدىن ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، بۇ خىل سۇغۇرتا دائىم ئۇچرايدىغان قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ياكى سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسى تۈرىدىكى سۇغۇرتا تۈرى ئەمەس، بەلكى مۆلدۈردىن ئىبارەت بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇغۇرتا تۈرى بولۇشى كېرەك. مۆلدۈر ياغقان ئەھۋالدا، ئەگەر ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتقان بولسا، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئادەتتە مۇناسىپ تۆلەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، مۆلدۈردىن كېلىپ چىققان بۇ خىل ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قارىتا، دېلو مەلۇم قىلىش ۋاقتىغا قارىتا مۇناسىپ تەلەپلەر بارمۇ؟ جاۋ يىنخاۋ مۇنداق دېدى: ئادەتتە بۇ خىل سۇغۇرتا تۈرىگە يولۇققاندا، بىز تېزدىن سۇغۇرتا شىركىتىگە ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇناسىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، مەسىلەن، سۈرەتكە تارتىش، زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى سىنغا ئېلىش دېگەندەك، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى تۆلەم بېرىش جەريانىدا بىرقەدەر پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ