خەير-خوش نوپۇس دەپتىرى! 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىلىدۇ

2025.05.13 16:19 مەنبە: خەلق تورى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئۆيلىنىشنى تىزىملاش نىزامى» 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر ئۆزگىرىش شۇكى، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش» يولغا قويۇلۇپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنىڭ قولايلىقى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆيلىنىش ، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىشتا نوپۇس دەپتىرىنى قايتا كۆرسىتىش ھاجەتسىز. ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەر كىملىكى، ئۆزىنىڭ جورىسى يوقلۇقى ۋە قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاسىتە قانداش تۇغقانلىق ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئىمزالىق باياناتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ