جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 5-ئاينىڭ 12-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا بىر مۇخبىر جۇڭگو-ئامېرىكا جەنۋە ئىقتىساد-سودا سۆھبىتى بىرلەشمە باياناتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال سورىدى.
لىن جيەن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە ھاسىل قىلغان بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلدى، سىز كونكرېت كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.