جۇڭگو تەرەپ: ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى قوللايمىز ۋە قارشى ئالىمىز

2025.05.13 16:15 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 5-ئاينىڭ 12-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. دىققەت قىلىشىمىزچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دال ۋە ھىندىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلاشقان، نۇرغۇن دۆلەتمۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە پائال رول ئوينىغان، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

لىن جيەن: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى قوللايدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ