گەرچە بىر قىسىم بۆرەك كېسەللىكلىرى، مەسىلەن بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ يىغىلىش قاتارلىقلار ھەقىقەتەن بەل قىسمىنىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى بەل ئاغرىقىنى يەنىلا مۇسكۇللار زورۇقۇش، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بەل ئومۇرتقىسىدا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، ئۇدا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش ھالىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەل ئاغرىقىنى بۆرەك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.