ئاممىۋى سىياسەت، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە دائىر پىتنە-ئېغۋا تارقىتىشقا چېتىشلىق 2210 ھېسابات نومۇرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2025.05.13 16:14 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بەزى تور ھېسابات نومۇرلىرى AI تېخنىكىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ئۇلاپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئاممىۋى سىياسەتلەرنى توقۇپ چىقىرىپ، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى پىتنە ـ ئىغۋالارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تور ئەھلىنىڭ تونۇشىنى خاتا يېتەكلەپ، ئاممىنى ساراسىمىگە سېلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى تور بېكىتى سۇپىلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارىلاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پىتنە-ئىغۋانى دەسلەپ تارقاتقان ھېسابات نومۇرلىرىنى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ ۋە تاقاپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار ھېسابات نومۇرىدىن جەمئىي 2210 نى بىر تەرەپ قىلدى.

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىر قىسىم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، جۈملىدىن « يۈز پىرسەنت مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان لاتارىيە نومۇرىنى AI ئارقىلىق ئالدىن پەرەز قىلىش» دېگەن پىتنە-ئىغۋا، «خاڭجوۋ بىنجياڭدا قەبىھ جىنايى دېلوسى يۈز بەردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا، «يۈننەن دېخۇڭ ماڭشى شەھىرىدە 5.8 بال يەر تەۋرىدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ۋە «جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمى APPنى توردا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى» دېگەن ئىغۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردىكى پىتنە-ئىغۋالارنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ھېسابات نومۇرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ