5-ئاينىڭ 12ـكۈنى، جياڭشى جىشۈي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى «ليۇ XX نىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش قىلمىشىغا قارىتا بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى:
ئەسكەرلىككە ئېلىنغان ياش ليۇ XX ، ئەر، كىملىك نومۇرى: ****** 20041125 ****، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جىشۈي ناھىيەسى ۋېنفېڭ بازىرىدىن. بۇ ياش 2025-يىل 1-ئايدا مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان، بەدەن تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ بېشىدا قوراللىق ساقچى مەلۇم قىسىمىغا بېرىپ رەسمىي ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تەستىقلانغان.
ليۇ XX قىسىمغا بارغاندىن كېيىن، ئىدىيەسى ۋە كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم سەپتىن ئايرىلىش ئىلتىماسى سۇنغان، سەپتىن ئايرىلىش پوزىتسىيەسى قەتئىي بولغان. قوراللىق ساقچى قىسىم تارماق ئەترىتىنىڭ يېڭى مەشىقلەندۈرۈلىدىغان كادىر-تايانچلار ۋە ناھىيەلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە بۇ يېڭى ئەسكەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قېتىم سىردىشىشى ۋە تەربىيە بېرىشى نەتىجىسىز بولۇپ، يەنىلا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان. 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ليۇ XX قوراللىق ساقچى قىسىم تەرىپىدىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنىڭ كەسكىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنى»، «ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى نىزامى»، «ھەربىي سەپكە كىرگەن يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى»، «گوۋۇيۈەننىڭ لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىشىپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ليۇ XXكە تۆۋەندىكىدەك جازا بېرىلدى: