يازنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، گۇيجوۋنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىيازلىق چايلارنى ئۈزۈش ئارقا-ئارقىدىن ئاخىرلاشقاندا، تۇڭرېن شەھىرى جياڭكوۋ ناھىيەسىنىڭ نۇشى بازىرى لوشياڭ كەنتىدىكى بۈك-باراقسان چايزارلىق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، چايچى دېھقانلار ياپيېشىل يوپۇرماقلارنى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
«پەسىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۈزسەڭلەر، ساتالماسلىقتىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟»
چاي تېرىش چوڭ ئائىلىسى ياڭ ماۋخۇا تەمكىن، خاتىرجەم ھالدا مۇنداق دېدى: «ئالدىرىمايمىز، چاي ئاپتاپنى توسۇش تورى ئاستىدا يەنە يەتتە سانتىمېتىر ئۆسسە، ماشىنىدا ئورۇپ، شاخلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئەزسەك، موچا چېيى خام ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.»
بۇلتۇر، ئۇنىڭ خام چاي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە 11 توننا چاي ئىشلەپچىقىرىلىپ، ساپ پايدىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل، ياڭ ماۋخۇا يەنە 1 مىليون 980 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن قۇردى.
ئۇ خام چاي ئىشلەش كەسپىنى تاللاپ ھەم رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان ئەتىيازلىق چاي بازىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەم چاي يىغىش پەسلىدە ئادەم تېپىش قىيىن بولۇش، ئادەم كۈچى تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بىراق ياڭ ماۋخۇانىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى «سېتىش يوللىرىدىن ئازراقمۇ غەم قىلماسلىق، چاي ئېزىپ بىۋاسىتە گۇيچا گۇرۇھىغا سېتىپ بېرىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ھالقىسىغا كىرگۈزۈش» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تاغلىق رايونغا خاس زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس يېتەكچى كەسىپنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. »
موچا چاي كەسپى جياڭكوۋ ناھىيەسى كۈچەپ يېتىشتۈرگەن خاس يېتەكچى كەسىپ. جياڭكوۋ ناھىيەسى فەنجىڭشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، چاي ئۆستۈرۈش شارائىتى ئەۋزەل، چايزارلىقنىڭ كۆلىمى 160 مىڭ موغا يېقىن كېلىدۇ. بۇ جاي ساغلاملىق، مودا ئىستېمال يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، يېڭى چاي ئىچىملىكى، قاقلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا كۆرۈپ يېتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن موچا چېيى بازىرىغا يۈرۈش قىلدى.
باشلامچى كارخانىلار يېتەكلىدى، كەسىپلەر كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
جياڭكوۋ ناھىيەسى گۇيچا گۇرۇھىنى كىرگۈزۈپ، ئىلغار، ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، كۆلىمى 340 مو كېلىدىغان كەسىپلەر باغچىسىنى قۇردى. يۇقىرى ئېقىندا ئوندىن ئارتۇق كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا، 100 چاي ئېزىش پىششىقلاش زاۋۇتى، 1000 ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، 100 مىڭغا يېقىن چايچى دېھقان ھەمتۈرتكە بولدى، تۆۋەن ئېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئەتكەنچاي دۇكىنى، قەھۋەخانا، تاتلىق-تۈرۈم دۇكانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى، يەنە خەلقئارا بازارنى ئاچتى.
«بىز جياڭكوۋدا <دەرىجىدىن تاشقىرى موچا چاي زاۋۇتى> قۇردۇق. گۇيچا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى مېڭ زۇدې مۇنداق تونۇشتۇردى: «2024-يىلى، بىزنىڭ موچا چاي مەھسۇلات مىقدارىمىز 1200 توننىدىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى 302 مىليون يۈەن بولدى، مەھسۇلاتلىرىمىز 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى. »
ئىلمىي ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.
جياڭكوۋ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ناھىيە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىش، ئېتىزلارغا بېرىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، چاي تېرىش، تۇپراق سۈپىتى، چاتاش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى.»
جياڭكوۋ ناھىيەسى يەنە قەدەم-باسقۇچ بويىچە چايزارلىقنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ،، جەمئىي 30 مىڭ مو موچا چېيى خام ماتېرىيال بازىسىنى ئۆزگەرتتى، كەلگۈسىدە 60 مىڭ مونى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
مەنپەئەت باغلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەش.
«نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما ئۆزگەرتىشكە قاتناشقان بولسا، ھەر مو چايزارلىققا 500 يۈەن ياردەم پۇل بېرىلدى؛ بەش مودىن يۇقىرى ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ناھىيە 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.» لوشياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چۆ سۇڭخەن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي ساناپ ئۆتتى.
لوشياڭ كەنتىدە خام چاي كارخانىسىدىن بەشى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2018-يىلىدىكى 7000 نەچچە يۈەندىن كۆپىيىپ بۇلتۇرقى 16 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى.
موچا چېيىنىڭ نامى چىقتى، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالىتىگە تۈرتكە بولدى.
فەنجىڭشەن تېغىنى ساياھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان يېڭىدىن دەملەنگەن موچا چېيى ئىچىش، بىر پارچە موچا چېيى پىرەنىكىنى تېتىپ بېقىش كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
ناھىيە بازىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەتنى ھېس قىلىش كوچىسى − «فەنخۇا كوچىسى»دا، موچا چايخانىسى ئاچقان دېڭ يىڭخۇڭ مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، موچا چېيى گۈرۈچ ھارىقى، ئۈگرە قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى روياپقا چىقاردى.
دېڭ يىڭخۇڭ ئۈمىدكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاۋات پەسىلدە كۈنىگە 200-300 ئادەم دۇكانغا كىرىدۇ، ئايلىق سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ناھىيە تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلىش تۈرلىرىنى ئېچىۋاتىدۇ، سودا بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.»
تۇڭرېن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جياڭكوۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ساۋ يۇڭ مۇنداق دېدى :«بىز ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، زور كۈچ بىلەن سودىگەر چاقىرىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»