2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارى 345 مىليون توننىغا يەتتى

2025.05.13 15:53 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2025-يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2024-يىللىق كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، جەمئىي 345 مىليون توننا كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىنغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

كۈزلۈك ئاشلىق بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك يىغىپ ساقلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بازارنى نازارەت قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمە يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى جانلاندى، سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولدى، باھا ئۆرلەپ ياخشىلاندى.

دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق زاپاس ساقلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو شوۋچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇۋاپىق پەيتتە بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىپ ساقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى. كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن تېز بولدى، سورتلارغا ئايرىپ قارىغاندا، ئوتتۇرا، كەنجى سوقىچاق شال 60 مىليون توننا، قىسقا غوللۇق شال 45 مىليون توننا، كۆممىقوناق 227 مىليون توننا، دادۇر 13 مىليون توننا سېتىۋېلىندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىشى ئاساسلىقى ئوتتۇرا، كەنجى شال، كۆممىقوناق ۋە دادۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئاۋات پەسىلدىكى سېتىۋېلىش مەزگىلى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ، كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن. كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش پۈتۈن يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن، تۈرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، مىقدارى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىر، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ياخشى بولغان، بۇغداي، قىچا پات ئارىدا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا ـ ئارقىدىن يىغىۋېلىنىپ بازارغا سېلىنىدۇ. يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ