ئەلشىر، بەھرام بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدۇ

2025.05.12 13:59 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 6-كۈنى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پەن-مائارىپ مەھكىمىسى 2025-يىللىق تولۇق كۇرسقا كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىش ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ ئەرلەر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر بىلەن جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بەھرام ئابدۇۋەلى بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان بولدى.

ئەلشىر بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن بولۇپ، شىنجاڭ باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2024-يىل 3-ئايدا، ئۇ 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا زال ئىچىدە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئارقىدىن يەنە 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن، ئۆزىنىڭ زال سىرتى مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يېڭىلىغان. ئۇ بۇ تۈردىكى دۆلەت ئىچىدىكى رەسمىي بىردىنبىر خەلقئارالىق تەنھەرىكەت ماھىرى.

بەھرام بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى، شۇنداقلا جۇڭگو پۇتبولچىلىقى قۇرامىغا يەتكەنلەر دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن رەسمىي خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە شىنجاڭنىڭ بوكس، چېلىشىش، جۇدو قاتارلىق تۈرلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىلدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ