شىنجاڭ 15 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ساياھەت بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

2025.05.12 13:55 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 15 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، باھانى ئېنىق يېزىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

ئىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، ساياھەت كەسپىنى ياتاق، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەپ، ساياھەتنىڭ كاسات مەزگىلى بىلەن ئاۋات مەزگىلىدىكى باھا ئۆلچىمى، ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا ۋەدە بېرىشنى ھەم مەنزىرە رايونى تور بېكىتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، كارخانا كۆزنەك تور بېكىتى، مۇلازىمەت كۆزنىكى، دۇكان پۇكىيى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئېلان قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. باھا يېزىلغان كودنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان ساياھەت بازىرى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ باھانى ئېنىق يېزىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلىدى. ساياھەت بازىرىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ باھانى ئېنىق يېزىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت بازىرىنىڭ ئۆلچىمىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونى، مال سېتىۋېلىش دۇكىنى، يېمەك-ئىچمەك ئورنى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق باھا ھېسابلاش تارازىسىنى مەركەزلىك ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى زورايتتى. دىققەتنى تور سىرتىدا مال سېتىۋالغاندا مال قايتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى تور سىرتىدا مال سېتىۋالغاندا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش ۋەدىسى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، قاپلاش دائىرىسى ۋە ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان جايدا ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، باھا ماجىرالىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلدى. ساياھەتكە ئالاقىدار ئېلانلار ۋە يولسىز رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلان، ساختا تەشۋىقات قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ