مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاۋ جىنيۈننىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋ جىنيۈننى قولغا ئېلىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە قارار چىقاردى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.