شىزاڭ لازىدا 5.5 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2025.05.12 13:57 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 5-ئاينڭ 12-كۈنى سائەت 5 تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ رىكازى شەھىرىنىڭ لازى ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 28.91 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.54 گىرادۇس ) دە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

مۇخبىرنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا لازى ناھىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرىگەندە تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر يەر تەۋرەشتە ئويغىنىپ كەتكەن. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لازى ناھىيەسى تېزدىن ئىنكاس قايتۇرغان، ھەرقايسى يېزا-بازارلار يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن، لازى ناھىيەسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەۋرەش مەركىزىگە يېتىپ بارغان. ھازىرغا قەدەر، ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى ئىگىلىنىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ