يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۇقتىلىق جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى «كوئېنلۇن − 2025» مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مۇھىت، يېمەكلىك، دورا ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، گۈزەل جۇڭگونى كۈچلۈك قوغداش، خەلق تۇرمۇشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە، زەربە بېرىش تىغ ئۇچى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك، جەمئىيەتكە بولغان خەۋپى ئەڭ ئېغىر بولغان گەۋدىلىك جىنايەتكە قارىتىلىپ، كەسپىيلىك ئارقىلىق كەسىپ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە زەربە بېرىلىدۇ، كوللېكتىپ ئارقىلىق جىنايەت شايكىلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ، «پۈتۈن ھالقىلىق، پۈتۈن ئامىللىق، پۈتۈن زەنجىرلىك» زەربە بېرىش چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ. ئۇزۇن زەنجىرلىك، رايون ھالقىغان، كەسىپلەشكەن گەۋدىلىك جىنايەت ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، توپلاشتۇرۇپ زەربە بېرىشنى قوزغاپ، بىر تۈركۈم كەسپىي جىنايەت شايكىلىرىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، رايون ھالقىغان بىر تۈركۈم جىنايەت زەنجىرى يوقىتىلىدۇ. نۇقتىلىق رايون، ساھەلەردە بىرلەشمە جەڭ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، جىنايەت مەركەزلەشكەن ساھەلەرنى مەخسۇس تېمىدا تۈزەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، زەربە بېرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.