خەلق تورىنىڭ 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ توغرا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 9- كۈنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى رەسمىي باشلىدى.
يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى 2009 ـ يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان ھەمدە 2015 ـ يىلى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2009-يىلى، 2011-يىلى ۋە 2016-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈش بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلغان، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) لەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن ھەم تيەنجىن، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، خۇبېي، گۇيجوۋ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە ( بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئۆز مەمۇرىي رايونىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدىكەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىكەن، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىكەن.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەككىز جەھەتتىكى مەزمۇننى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى؛ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى؛ مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى؛ يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى؛ تور سۇپىسىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى؛ قانۇن جاۋابكارلىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ.